فەرغانە ۋادىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان چېگرا مەسىلىلىرى

فەرغانە ۋادىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان چېگرا مەسىلىلىرى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى.

1433836
فەرغانە ۋادىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان چېگرا مەسىلىلىرى

ماي ئېيىدىن ئېتىبارەن فەرغانە ۋادىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان چېگرا  مەسىلىلىرى قايتىدىن تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشكە باشلىدى. 2020 – يىلى 8 – ماي كۈنى قىرغىزىستان – تاجىكىستان چېگراسىدىكى چەك يېزىسىدا يەر تالىشىش سەۋەبىدىن، 24 – ماي كۈنى بولسا ۋورۇخ ئانقلاۋىدا ھايۋان ئوتلىتىش يۈزىسىدىن، ئالدى بىلەن يەرلىك خەلق، ئاندىن چېگرا قوغدىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى. توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاندىن ئۈچتىن ئەسكەر يارىلاندى.  2 – ئىيۇن كۈنى ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى كونا تاش رايونىدا نامەلۇم كىشىلەر يېرىم كېچىدە قىرغىزىستانلىق بىر كىشىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلدى. 2020 – يىلى 31 – ماي كۈنى قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان چېگراسىدىكى چەشمە يېزىسىدا قۇدۇق سۈيىنىڭ ئىشلىتىلىشى سەۋەبىدىن يەرلىك خەلق تاشلىق – كالتەكلىك جېدەل - ماجىرا قىلدى. قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان چېگراداش بولغان فەرغانە ۋادىسىدا چېگرا مەسىلىلىرى ئۇدا 30 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، يېقىنقى يىللاردا كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشىغا قارىتا ئۈمىد چىرىغى يانغانىدى. قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان رەھبەرلىرى ئالدىنقى يىلى چېگرا رايونىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىر - بىرىگە ئوق چىقارماسلىقى مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنىدى. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا چېگرا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زېمىن ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىغانىدى. ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدىن كېيىن، ئۇزۇن يىلللار تاقاق ھالەتتە قالغان چېگرا ئېغىزلىرى ئېچىلغان، ئۆزبېكىستان چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ ئېنىق ئايرىلىشى مەسىلىسىدە، ھەم قىرغىزىستان بىلەن ھەم تاجىكىستان بىلەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانىدى. بۇ دائىرىدە، چېگرا مەسىلىلىرىنىڭ قايتىدىن مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنىڭ باشقا سەۋەبلىرى ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كەلمەكتە.

2020 – يىلى 26 – ماي كۈنى  كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، قىرغىزىستان – تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا دۆلىتىنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇ باياناتى، تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەگە نوتا تاپشۇرۇپ، «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماڭلار» دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولدى. ئالدىنقى ئايلاردىمۇ، تىل مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۆزبېكىستانمۇ رۇسىيەگە «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماڭلار» تەرىقىسىدە نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. رۇسلار ئىشلىتىۋاتقان كانت ھەربىي بازىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ بەزى ماددىلىرىغا قارىتا قىرغىزىستان جامائەتچىلىكى، «دۆلەت ئىچىدە دۆلەت شەكىللەندۈرۈلۈۋاتىدۇ» تەرىقىسىدە نارازىلىق بىلدۈردى. ھەممىگە مەلۇمكى، نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيەگە قارشى نارازىلىق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

ئۆزبېكىستاننىڭ قىرغىزىستان ئارقىلىق خىتايغا يېڭى قاتناش كارىدورى بەرپا قىلىشى ۋە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى تاموژنا ئېغىزلىرىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قىرغىزىستاننىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى، موسكۋانى بىئارام قىلدى.

10 مىليون نوپۇسقا ئىگە فەرغانە ۋادىسىدىكى چېگرا مەسىلىلىرى، رايوننىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇدۇر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېز تەرەققىي  قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەر خىل ئىغۋاگەرلەر  بۇ مەسىلىنى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ يامان غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، چېگرا مەسىلىلىرىنىڭ دەرھال ھەل قىلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ. كۆپلىگەن مەسىلىلەردە بىر - بىرىگە قاراشلىق بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدىن تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر