ئىستانبۇلنىڭ كۆپلىگەن جايلىرى ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ رەڭگى بىلەن يورۇتۇلدى
ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 102 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ كۆپلىگەن سىمۋوللۇق جايلىرى ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ رەڭگى بىلەن يورۇتۇلدى.
1424975
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15-ئىيۇل شېھىتلەر، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋە ياۋۇز سۇلتان سېلىم كۆۋرۈكلىرى ۋە گالاتا مۇنارى قاتارلىق ئىستانبۇلنىڭ سىمۋوللۇق جايلىرى، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ رەڭگى بىلەن يورۇتۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەزەربەيجان بايرىقىدىكى كۆك رەڭ تۈرك مىللەتچىلىكىگە، يېشىل رەڭ ئىسلامغا، قىزىل رەڭ مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.