تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تۆمۈر يولى ھەمكارلىقى

ئاپرېل ئېيىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا تۈركىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە تۆمۈر يولى ۋسىتىسى ئارقىلىق ئىككى يۈك پويىزى ئەۋەتىلدى.

1417156
تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تۆمۈر يولى ھەمكارلىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇ پويىزلارنىڭ تۈركىستاننىڭ مەركىزىگە يېتىپ بېرىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

2020 – يىلى 18 – ئاپرېل كۈنى 82 كونتېيېردىن تەشكىل تاپقان 940 مېتىرلىق يۈك پويىزى ئۆزبېكىستانغا قاراپ يولغا چىقتى. نۆۋەت بىلەن گىرۇزىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئۆتكەن بۇ پويىز، شۇ لىنىيەنى بويلاپ تۈرك ماللىرىنى توشۇغان تۇنجى پويىز بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

30 ۋاگون 60 كونتېينېردىن تەشكىل تاپقان ۋە ئاليۇمىن ئېلېكتر سىمى بېسىلغان پويىز  2020 – يىلى 30 – ئاپرېل كۈنى بىلەجىك بوزۈيۈكتىن قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ پويىزنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۈركىيەدىن بىرلا سەپەردە ئەڭ يىراق مۇساپىگە (5500 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە) يېتىپ بارغان تۇنجى ئېكسپورت پويىزى بولۇشىدۇر.

بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ئىلاۋە ھالدا، شۇ كۈنى يەنە تۈرك كېڭىشىگە ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتناش مىنىستىرلىرى  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىردى. قاتناش ساھەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان يىغىندا، تۈرك كېڭىشى قاتناش ئىشلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى قارارلاشتۇرۇلدى.

2020 – يىلى 6 – ماي كۈنى تۈرك كېڭىشىگە ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد مىىستىرلىرى  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىردى. يىغىنغا، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا ئىشلىرى مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى. يىغىندا، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققۇسى توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلاشقا ئالاقىدار بىر ھەرىكەت پىلانىنىڭ تۈزۈلۈشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا كارىدوردا كۆپ يۆنىلىشلىك تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولىنىڭ پائال ئىشلىتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا تىرانسپورتىنىڭ ئاقساپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. شۇ ۋەجىدىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر تۆمۈر يول تىرانسپورتىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. تۈركىيە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى  تىرانزىت دۆلەت بولۇش نىشانىغا يېتىش يولىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا كارىدور يولىنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكتە. دەرۋەقە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى » مەزگىلىدە بۇ يولدىكى تۆمۈر يول تىرانسپورتى جالىنىپ كەتتى.

زۆرۈر ئۇل ئەسلىھە خىزمەتلىرى ئىشلەنگەنلىكى ئۈچۈن، تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» توسالغۇسىنى ئىنسالارنىڭ ۋاسىتىسىسىزز تۆمۈر يولى ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلىدى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىدى.

بۇ مەھسۇلاتلار ھازار ئارقىلىق رايونغا يەتكۈزۈلمەكتە. بۇ يولنىڭ تېخىمۇ پائال ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن «ھازار دېڭىزى» نى قورشاپ تۇرىدىغان تۆمۈر يولى تورى شەكىللەندۈرۈش ناھايىتى مۇھىم خىزمەت بولىدۇ، چۈنكى ھاۋا شارائىتلىرى تۈپەيلى ھازار دېڭىزىنىڭ ئۈستىدە داۋاملىشىۋاتقان نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپەرلىرى بەزىدە ئاقساپ قېلىشى مۇمكىن.  شۇڭا، باشقا تۆمۈر يولى تورىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى بىلەن، ھازاردا يۈك چۈشۈرۈش ۋە يۈك قاچىلاش ئاۋارىچىلىقى يوقىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھازار ۋە ئەتراپىدىكى رينلارنىڭ مۇھىتىنىڭ بۇلغۇنىشىمۇ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشىدۇ. تۈركىيە – تۈركىستان تۆمۈر يولىنىڭ جانلىنىشى، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە بۇ يولنىڭ خىتاي ھەم جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قىسقا لىنىيە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر