ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش نىسبىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى

ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش نىسبىتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 23 ئاشتى.

1399444
ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش نىسبىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئەزەربەيجاندىن چەت ئەللەرگە 3.57 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز سېتىلغان. بۇ مەزگىلدە، تۈركىيەگە بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 23 لىك ئېشىش بىلەن 2.6 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز يوللانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر