ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھاۋا ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

1368659
ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ: «ئەزىز قېرىندىشىم، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ قايغۇردۇم. سىزگە، جېنىنى پېدا قىلغانلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا، قېرىنداش تۈركىيە خەلقىگە، شەخسىم ۋە ئەزەربەيجان خەلقى نامىدىن تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن» دېدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلقىمۇ تىۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىدلىبتا تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى خەۋىرى بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى. شېھىتلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىلىرىگە ۋە تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. قېرىنداش تۈركىيە، سىلەرگە سەۋر تىلەيمىز.»

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھاسانوۋمۇ ئىدلىبتىكى خائىنلارچە قىلىنغان ھۇجۇمدا شېھىت بولغان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ياشار گۈلەرگە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھاسانوۋ تەزىيە تېلېگراممىسىدا: «خائىنلارچە قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە قېرىنداش تۈركىيە ئارمىيەسىدە شېھىت بولغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە بىلدۇق. شېھىتلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمىز. سىلەرنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىڭلار بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزدۇر. تۈركىيە ئارمىيەسى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتمەكچىمىز، مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر