ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ 19 -، 20 – فېۋرال كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1361705
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپۇتنىكنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى «ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 19 -، 20 – فېۋرال كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ» دەپ بايانات بەرگەن.

زىيارەت ئەسناسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردىن سىرت، ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

لىدېرلار سىياسەت، ئىقتىسادىي، سودا، سېلىنما، مالىيە، قاتناش، ئۇچۇر – ئالاقە، مائارىپ، كۈلتۈر ۋە ئىنسانىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنىڭ كېلەچىكىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى مىللەت كۇتۇبخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر