تۈركلەر گىرېتسىيە پىرېزىدېنتىنى ئەيىبلىدى

گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پروكوپىس پاۋلوپۇلوسنىڭ غەربىي تراكيا زىيارىتى جەريانىدا مۇسۇلمان تۈرك ئاز سانلىقلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئىشلەتكەن «مۇسۇلمان گىرېك ئاز سانلىقلار» ئىبارىسى، ئازسانلىق ئىدارە – ئورگانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

1361429
تۈركلەر گىرېتسىيە پىرېزىدېنتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۈمۈلجىنە ۋە ئىسكەچەدىكى ئاز سانلىق جەمئىيەتلەر يازما باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، گىرېتسىيە دۆلىتىنىڭ تۈرك ئاز سانلىقلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا، بۇنىڭ گىرېتسىيەدە دېموكراتىك تاكامۇللۇقنىڭ يوقلۇقىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، «بۇلارنىڭ غەربىي تراكيا تۈرك خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ھەقىقەتلەرنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

14 – مارتتا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان پىرېزىدېنت پاۋلوپۇلوس، شەنبە كۈنىدىكى غەربىي تراكيا زىيارىتى جەريانىدا سۆز قىلىپ، غەربىي تراكيا تۈرك ئاز سانلىقىنىڭ پەقەت بىر دىنىي ئازسانلىق ئىكەنلىكىنى، ئىستانبۇل ئورتودوكس رىم ئازسانلىقىنىڭ بولسا، مىللىي ئازسانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئۇ سۆزىدە، ئىستانبۇلدىكى رىم ئازسانلىقىنى «گىرېك ئازسانلىق» دەپ ئاتاپ، گىرېتسىيەدىكى تۈرك ئازسانلىقلارنى «گىرېك مۇسۇلمان ئازسانلىق» دەپ ئاتىغانىدى.

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ گىرېتسىيەگە قارشى چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، گىرېتسىيە دائىرىلىرى، ئىسىملىرىدا «تۈرك» ئىبارىسى بولغان جەمئىيەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە ۋە يېڭىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر