ئۆزبېكستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقلىرى سايلاندى
ئۆزبېكستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ باشلىقلىقىغا نۇرىددىنجان ئىسمائىلوۋ سايلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2019-يىلى 22-دېكابىر ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزبېكستاندا، 150 ئەزادىن تەشكىل تاپقان پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ بىرىنچى يىغىنى ئېچىلدى. مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى مىراز ئۇلۇغبېك ئابدۇسالاموۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە توپلانغان ئومۇمىي كېڭەشكە، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزايېۋمۇ قاتناشتى.
يىغىندا، سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن، خەلق دېموكرات پارتىيەسىدىن نۇرىددىنجان ئىسمائىلوۋ قايتىدىن قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلاندى. قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ باشقا ياردەمچىلىرىمۇ سايلاندى.
پىرېزىدېنت مىرزايېۋ يىغىندىكى سۆزىدە، ئۆزبېكستاننىڭ مۇستەقىللىق يىللىرىدا قىيىن مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، سايلاملاردىن كېيىن يېڭى ئۆزبېكستاننىڭ يېڭى پارلامېنتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ خەلقنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەت قىلىش ۋە خەلقنى رازى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، يېڭى پارلامېنتقا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.
ئۆزبېكستاندا ئۆتكەن ئاي ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا 150 كىشىلىك قانۇن چىقىرىش پالاتاسىدا، لىبېرال دېموكرات پارتىيە 53، مىللىي يۈكسېلىش پارتىيەسى 36، ئادالەت سوتسىيال پارتىيەسى 24، خەلق دېموكرات پارتىيەسى 22 ۋە ئۆزبېكستان ئېكولوگىيە پارتىيەسى 15 ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىدى.
نۇرىددىنجان ئىسمائىلوۋ 2014-يىلى دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلاملىرىدىن كېيىن، قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.