ئەزەربەيجاندا يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن (23-يىلى 2019-دېكابىر) ئەزەربەيجاندا شەھەر، بازار ۋە يېزا پارلامېنت ئەزالىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلدى.

1327821
ئەزەربەيجاندا يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان خەلقى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بەشىنچى نۆۋەتلىك يەرلىك سايلاملاردا، پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

سايلام بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلاندى. 41 مىڭ 462 نامزات 1606 ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 15 مىڭ 156 پارلامېنت ئەزالىقى ئۈچۈن رىقابەتلەشتى. بۇ قېتىمقى سايلامدا 4 مىليون 972 مىڭ سايلىغۇچى بېلەت تاشلايدۇ. بېلەت تاشلاش ئىشلىرى بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 19:00 دا ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزەربەيجان قانۇنى بويىچە، يەرلىك سايلاملاردا ئالدى بىلەن ھەر دەرىجىلىك پارلامېنتلارنىڭ ئەزالىرى سايلىنىدۇ. ئارقىدىن پارلامېنت ئەزالىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى سايلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر