تۈرك دۇنياسى پارلامېنتلار بىرلىكى خىزمەت زىياپىتى بەردى
تۈرك دۇنياسى پارلامېنتلار بىرلىكى، تۈرك دۇنياسى دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقلىرى شۇنداقلا باش ئەلچىلىرى ئۆزئارا تونۇشۇش ۋە خىزمەت زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۇنياسى پارلامېنتلار بىرلىكى باشلىقى نائىل چەلەبى پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)غا تەۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتتە ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.
تۈرك دۇنياسى پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى، نىشانلىرى ۋە خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.
نائىل چەلەبى نۇتۇقىدا، تۈرك دۇنياسىدىكى ھەر قايسى پارلامېنتلار ئەزا بولالايدىغان بىردىن بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ تۈرك دۇنياسى پارلامېنتلار بىرلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان تۈرك دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، خىزمەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپ ياراتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالىشى ئۈچۈن ئۆزىگە كۈچ بەخش ئەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نائىل چەلەبى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشى «TÜRKPA» غىمۇ كۆزەتكۈچى ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈرك دۇنياسى پارلامېنتلار بىرلىكى باشلىقى نائىل چەلەبى ئامېرىكا پالاتاسىدا 1915 – يىلىدىكى ئەرمەنىي ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنىڭ تەستىقلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ، «ئاتالمىش ئەرمەنىي قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلىدىغان قارار ئارقىلىق ئامېرىكا ئېمپېريالىزمى ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرىسىنى كۆرسەتتى. ئامېرىكا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە ئىككى يۈزلىمىچى، ئىشەنچسىز، مەئەتپەئەتپەرەس، تۈرك دۈشمىنى بىر دۆلەتتۇر» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.