قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 28يىللىقىنى تەبرىكلىدى

ئوتتۇرا ئاسىياسىكى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ۋە دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان 30 دۆلەتنىڭ ئارىسىغا كىرىشنى نىشان قىلغان قازاقىستان، مۇستەقىللىقىنىڭ 28-يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە.

1324205
قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 28يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، 1991-يىلى 16-دېكابىر مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. تۈركىيە قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى بىرىنچى بولۇپ ئېتىراپ قىلدى.

سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۇزۇن يىللارغىچە يادرو سىناق مەيدانى قىلىپ پايدىلانغان قازاقىستان، مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، تۇنجى قەدەمدە شەمەي يادرو سىناق مەيدانىنى تاقىدى. قازاقىستان يادرو پائالىيەتلىرىدىن ئۆز ئىرادىسى بىلەن ۋاز كەچتى. دىكتاتورلۇق تۈزۈمدىن دېموكراتىيەگە، پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

1997-يىلى قازاقىستاننىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ قارارى بىلەن ئېلان قىلىنغان نۇرسۇلتان (كونا ئىسمى ئاستانا) قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىدا چوڭ رول ئوينىدى. يولغا قويۇلغان ئىسلاھاتلار سايىسىدا، قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 28 يىلدا 16 ھەسسە ئېشىپ 180 مىليارد دوللارغا يەتتى.

قازاقىستان 1991-يىلىدىن تارتىپ ئىقتىسادتا جەلپ قىلغان 330 مىليارد دوللارلىق چەت ئەل مەبلىغى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىنغان دۆلەت بولۇپ قالدى.

قازاقىستاندا 2 مىڭغا يېقىن تۈركىيە مەبلەغ سالغان شىركەت پائالىيەت قىلماقتا.

قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق قانۇنى قوبۇل قىلىنغان 16-دېكابىر، مۇستەقىللىق كۈنى سۈپىتىدە دۆلەت مىقياسىدا مىللىي بايرام ھېسابلىنىپ، ئىككى كۈن تەبرىكلىنىدۇ. رەسمىي بايرام بولغان مۇستەقىللىق بايرىمىدا، دۆلەت مىقياسىدا ۋە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا ھەر خىل مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ھەمدە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر