ئۆزبېكستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى

ئۆزبېكستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە ئايروپىلان سەپەرلىرى قايتىدىن باشلاندى.

1320991
ئۆزبېكستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان قاتناش مىنىستىرلىقى ئىران بىلەن ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن (10-دېكابىر) ئىراننىڭ زاگروس ھاۋا يوللىرى شىركىتى تېھران-تاشكەنت سەپىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۆزبېكستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى تاشكەنت ئايرودۇرۇمىدا ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان مەزكۇر سەپەرنىڭ يولۇچىلىرىنى مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالغان.

تېھران-تاشكەنت سەپىرى ھەپتىدە بىر قېتىم دۈشەنبە كۈنلىرى بولىدۇ. كېيىنچە، بۇ ئايروپىلان سەپىرى ھەپتىدە ئىككى قېتىمغا چىقىرىلىدۇ.

ئۆزبېكستان قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلدى:

«ئۆزبېكستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، ئىنسانىي ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.»

ئۆزبېكستان خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى 2019-يىلى نويابىر ئېيىدا ئىراننىڭ زاگروس ھاۋا شىركىتىگە تېھران-تاشكەنت سەپىرىنى باشلىشىغا رۇخسەت بەرگەن ئىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى 2016-يىلى توختىتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر