ئىشغالىيەت ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى سىلوۋاكىيەدە مۇزاكىرە قىلىندى
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەمەدياروۋ ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زوھراب كىناتساكانيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش دائىرىسىدە، سىلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى بىراتىسلاۋادا بىر يەرگە جەم بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇزاكىرىگە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسى تەڭ دەرىجىلىك باشلىقىلىرىدىن رۇسيەلىك ئىگۇر پوپوۋ، فىرانسىيەلىك سىتىپان سىركونتى، ئامېرىكالىق ئاندرېۋ شىچوفېر ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسى ئالاھىدە ۋەكىلى ئاندىرزىژ كاسپىرزىيىكمۇ قاتناشتى.
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇزاكىرىنىڭ ئۈچ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقانلىقى ۋە ھەل قىلىش چارىسى نۇقتىسىدىن كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇزاكىرە باسقۇچىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 2020 – يىلىنىڭ باشلىرىدا قايتا ئۇچرىشىشقا كېلىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.
تاغلىق قاراباغ مەسلىسى سوۋىت ئىتتىپاقى ۋەيران بولۇش باسقۇچىدا، ئەرمەنىيلەرنىڭ بۇ رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئەرمەنىيلەر 1991 – يىلى خانكەندىيىنى ۋە 1992 – يىلى خوجالى ۋە شۇشانى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى. كېيىن يەنە لاچىن، خوجاۋەند، كەلبەجەر ۋە ئاغدەرەنىمۇ ئىشغال قىلىۋالغان ئەرمېنىيلەر 1993 – يىلى ئاغدامغا بېسىپ كېرىپ، ئاغدام، جەبرايىل، فۇزۇلى، گۇبادلى ۋە زەنگىلان ۋىلايەتلىرىنى ئىشغال قىلغان ئىدى.
ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ %20 ى ئىشغال قىلىنىش بىلەن بىرگە 1 مىليوندىن كۆپرەك كىشى ئۆز يۈرتلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.