تۈركىيە ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋملاشتۇرىدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ 75 – خاتىرە يىلىدا، تۈركىيەنىڭ ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى ۋە يېڭى ئەۋلادلارغا يەتكۈزەلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، كىچىك بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 100 مىڭ ئاھىسكا تۈركىنىڭ 1944 – يىلى 14 - نويابىردا گىروزىيەنىڭ ئاھىسكا رايونىدىكى ئانا ۋەتىنىدىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزاق رايونلىرىغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
غەيرى ئىنسانىي شارائىتتىكى بۇ سۈرگۈندە نۇرغۇنلىغان ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، ھايات قالغانلىرىنىڭمۇ يوللانغان رايونلاردا ئېغىر قېيىنچىلىق ئىچىدىكى تۈرمۈش كۈرىشىنى باشتىن كۈچۈرگەنلىكى تەكىتلىنىپ، جەمئىي 9 دۆلەتكە تارقاقلاشتۇرۇلغان ۋە سانى 500 مىڭغا يېتىدىغان ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ گىروزىيە قاتارلىق تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە سۈرگۈننىڭ 75 –يىلىنى خاتىرىلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«تۈركىيە؛ ئاھىسكا تۈركلىرنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئىتتىپاقلىقىنى ۋە كىملىكىنى قوغدىشى شۇنداقلا يېڭى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەر تۈرلۈك يادەملەرنى قىلىشنى داۋملاشتۇرىدۇ. ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتەنلىرى بولغان ئاھىسكاغا قايتىش باشقۇچىنىڭ غەلىبىلىك تاماملىنىشىنى، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىن باشقا يەنە، ئانا ۋەتەنلىرىدىمۇ خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشنى داۋملاشتۇرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. سۈرگۈننىڭ 75 – خاتىرە يىلىدا، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئازابلىرىنى چىن يۈرەكتىن چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. سۈرگۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەزىز خاتىرىلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز ۋە ئاللاھتىن ئۇلارغا رەھمەت تېلەيمىز»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.