قازاقىستان بىلەن بېلارۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرتتوقايېۋ ئۆتكەن يىلى (2018) قازاقىستاننىڭ بېلارۇسىيە بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ 800 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ياخشى يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى، بىراق يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

1294828
قازاقىستان بىلەن بېلارۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرتتوقايېۋ پايتەخت نۇرسۇلتانغا زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكونى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

توقايېۋ ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق كۈنتەرتىپلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ قازاقىستاندا بېلارۇسىيەنىڭ 340 شىركىتىنىڭ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ قازاقىستاننىڭ ئاسىيانىڭ، بېلارۇسىيەنىڭ ياۋروپانىڭ كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاي باشلىغان «بىر يول، بىر بەلباغ لايىھەسى» نىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ يېقىنقى ئۈچ يىلدا تۆمۈر يولدا كانتېينېر توشۇمىچىلىقىنىڭ قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيە ئارقىلىق خىتاي ھەمدە ياۋروپا يۆنۈلۈشىدە 6.5 ھەسسە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«زىيارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. كېلىشىملەرنىڭ قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيە خەلقلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو قازاقىستان بىلەن بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى، بولۇپمۇ سانائەت ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىشتە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

 لۇكاشېنكو: «نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى خىلمۇ خىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز.  بۇ سەۋەبتىن دۆلىتىڭلاردىن بۇ خام ماددىنى ئىمپورت قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىمىز. بىز پات ئارىدا رۇسىيە بىلەن مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا كېلىشتۇق. چۈنكى بۇ مۇمكىن بولسا قازاقىستاندىن نېفىت ئىمپورت قىلىش، تۇرۇبا يولى ئارقىلىق رۇسىيە زېمىنلىرىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىمىز» دېدى.

ئاخىرىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆچ، بىخەتەرلىك ۋە ئۆي-زېمىن قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىملىرى، ئىككى دۆلەت پىرېزىدېنتلىرىنىڭ خىتابنامىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 2021-2020 –يىللىرى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىملىرى ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر