تارىختىكى تۇنجى پاي چېكى بازىرى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تارىختىكى تۇنجى پاي چېكى بازىرى» قا دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1292464
تارىختىكى تۇنجى پاي چېكى بازىرى

تارىختىكى تۇنجى پاي چېكى بازىرى

دۇنيانىڭ تۇنجى پاي چېكى بازىرىنىڭ كۈتاھيانىڭ چاۋدارھىسار ناھىيەسىدىكى ئائىزانوئى قەدىمىي شەھىرىدە قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئائىزانوئى كۈتۈھيا شەھەر مەركىزىنىڭ 58 كىلومېتىر يىراقلىقىغا جايلاشقان چاۋدارھىسار ناھىيەسىدىكى بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى. ئائىزانوئى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن «ئىككىنچى ئەفەس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1824 – يىلى بايقالغان، ئەڭ ياخشى قوغدىلىپ قالغان ئارخېئولوگىيەلىك قالدۇقلارنى باغرىغا بېسىپ ياتقان روما شەھىرى ئائىزانوئىدا 1970 – يىللاردىن بۇيان قېزىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

ئائىزانوئى قەدىمىي شەھىرىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنغان زېئۇس ئىبادەتخانىسى، 20 مىڭ كىشىلىك تىياتىرخانا ۋە ئۇنىڭغا تۇتاشتۇرۇپ سېلىنغان 13500 كىشىلىك تەنتەربىيە مەيدانى، ئىككى مۇنچا، تۈۋرۈكلۈك يول، چوڭ ئۆستەڭگە سېلىنغان بەش كۆۋرۈك دېگەندەك سانسىزلىغان قۇرۇلۇشلار يورۇقلۇققا چىقىرىلدى. بۇلارنىڭ بىرى 1995 – يىلى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان دۇنيانىڭ تۇنجى پاي چېكى بازىرىدۇر. قەدىمىي شەھەردىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئەتراپىدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 – يىللارغا ئائىت ئاھالىلەر رايونى قاتلاملىرى بار.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر