قازاقىستان پىرېزىدېنتى يېڭى لاتىن ئېلىپبەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ، ئىككى يىل ئىلگىرى قوبۇل قىلىنغان لاتىن ئېلىپبەسىدىكى كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

1291957
قازاقىستان پىرېزىدېنتى يېڭى لاتىن ئېلىپبەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى توكايېۋ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، كىرىل ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش قارارىنىڭ ئىككى يىل چىقىرىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا «بىراق، ئېلىپبەدە ھازىرمۇ يېتەرسىزلىكلەر بار. تىلشۇناسلار ئېلىپبەنى ياخشىلىشى كېرەك. كۈلتۈر ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىر ئاكتوتى رايىمقۇلۇۋاغا مۇناسىۋەتلىك يوليورۇقنى چۈشۈردۈم. ئالدىمىزدا جىددىي خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ» دېدى.

قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 2017 – يىلى ئۆكتەبىردە كىرىل ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش توغرىسىدا قارارنامە چىقىرىپ، كەسمە ئىشارىتى ئىشلىتىلگەن لاتىن ئېلىپبەسىنى ماقۇللىغانىدى.

كەسمە ئىشارىتى بار ئېلىپبە خەلق ئارىسىدا دەتالاش پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى فېۋرالدا نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، ئېلىپبەنىڭ كەسمە ئىشارەتلەر چىقىرىۋېتىلگەن يېڭى نۇسخىسىنى چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى.

قازاقىستان 1929 – يىلىدىن 1940 – يىلىغىچە لاتىن ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئارقىدىن سىلاۋيان ئېلىپبەسىگە ئۆتكەنىدى.

تاتار لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشنى قارار قىلغان قازاقىستاندا دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ يېڭى ئېلىپبە بىلەن بېسىلىشى ۋە يېزىق ئۆزگەرتىش خىزمەتلىرىنىڭ 2025 – يىلىغىچە تاماملىنىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر