ئامېرىكا پالاتاسى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پالاتاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك دوكلات تەييارلىنىشى نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1268848
ئامېرىكا پالاتاسى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېموكرات پالاتا ئەزاسى بوب مېنېندېز ۋە جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو تەرىپىدىن پالاتاغا سۇنۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسەتلىرى قانۇنى» تېمىلىق قانۇن لايىھەسى پالاتانىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى.

قانۇن لايىھەسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىن «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى» ۋە «تەخمىنەن بىر مىليون ئۇيغۇر تۈركىنىڭ يىغىۋېلش لاگېرلىرىغا قامىلىشى»  ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك بىر دوكلات تەييارلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، قانۇن لايىھەسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىملارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە تۇتۇپ كېتىش قىلمىشلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنماقتا.

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ھەم مەدەنىيەتلىرى نىشان قىلىنىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 22 دۆلەت، خىتايغا، 11 – ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلىلەرنى تەنقىد قىلىپ ۋە ئاممىۋى ھالدا تۇتقۇن قىلىىنىشىغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، مەكتۇپ يوللىغانىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ «خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى» نامى ئاستىدا ناھەق تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، سىياسىي جەھەتتىن خەتەرلىك دەپ قارالغان شەخسلەرنىڭ ھېچقانداق بىر ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قارارى بولماسلىقىغا قارىماي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر