كەركۈكتە دائېش تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىلار پارتىلىدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يەردە يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلىشى سەۋەبىدىن 1 كىشى ئۆلۈپ، 7 كىشى يارىدار بولدى.

1265781
كەركۈكتە دائېش تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىلار پارتىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، كەركۈك شەھىرىنىڭ ئىككى رايونىدا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتىلغان. پارتلاشتا 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 7 كىشى يارىدار بولغان.

ھۇجۇمنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قىلغان، دەپ قارالماقتا. 

ئىراق مەسئۇللىرى ۋەقە ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر