تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ «تۇرئاز بۈركۈتى – 2019» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرى باشلىدى

تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى «تۇرئاز بۈركۈتى – 2019» باشلىدى.

1262956
تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ «تۇرئاز بۈركۈتى – 2019» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق پىلانى دائىرىسىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مانېۋىر، تۈرك F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەزەربەيجانغا يېتىپ كېلىشى بىلەن باشلىغان.

مانېۋىردا F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن سىرت ئىككى دۆلەتنىڭ مىگ-29، سۇ-25 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن، كاسا يۈك ئايروپىلانى، Mi-35، Mi-17، CH-47 Chinook ۋە ئاتاك ئۇرۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىدىن تەشكىل تاپقان 30 ھاۋا قاتناش قورالى ئورۇن ئالىدۇ.

بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى، ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردىن پايدىلىنىپ بېكىتىلگەن نىشانلارنى بىتچىت قىلىش قاتارلىقلار ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مانېۋىر، 16 – سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر