مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا تىنلچىق ۋە خۇشال – خۇراملىق ئىچىدە ياشىشىدىن ئىبارەتتۇر» دېدى.

1245062
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغۇ 52نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، بىرلىكنىڭ باش كاتىبى لىم جوك خوي ۋە تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دون پىرامۇدۋىناي بىلەن ئېلىپ بارغان 3 تەرەپ ھەر ساھە دىيالوگ شېرىكلىكى يىغىنىدىن كېيىن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 

چاۋۇشئوغلۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ئىجابىي تەسىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن تېمىلارنى كۆزىتىپ تۇردۇق. بىر بەلباغ، بىر يول لايىھەسى بىلەن ئوتتۇرا كارىدور لايىھەسىنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى سۆھبەتلەشتۈق.»

چاۋۇشئوغلۇ ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارىتى جەريانىدا، ئۇيغۇلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا تىنچلىق ۋە خۇشال خۇراملىق ئىچىدە ياشىشىدىن ئىبارەتتۇر. جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەدىن بىر ھەيئەت يوللىشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئىدى. كېيىن يەنە 24ئىيۇلدا خىتاي باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىمىزغا كېلىپ، بۇ تەكلىپنى رەسمىي بىر يوسۇندا يەتكۈزدى. بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىمىزدىمۇ يەنە بۇ مەسلىسىنى سۆھبەتلەشتۇق. بۇ تەكلىپكە جۇمھۇر رەئىسىمىز پىرىنسىپ جەھەتتىن ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر رايونىغا خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئوخشاش بولمىغان ئورگانلىرىمىزدىن تەشكىللەنگەن تەخمىنەن 10 كىشىلىك بىر ھەيئەتنى يوللىماقچىمىز ۋە ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى دوستلىرىمىز نەق جايىدا كۆزدىن كەچۈرىدۇ» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ بىر مۇخبىرنىڭ ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز سودا ئۇرۇشلىرىنىڭ بولۇشىغا قارشىمىز. ئۈمىد قىلىمىزكى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشنىڭ بىر يولىنى تاپقاي ۋە بۇ خىل توقۇنۇشلار رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزمىگەي» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر