قىرغىزىستان-تاجىكستان رەھبەرلىرى چېگرادا كۆرۈشتى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋ بىلەن تاجكستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان چېگرا رايونىدا كۆرۈشتى.

1243210
قىرغىزىستان-تاجىكستان رەھبەرلىرى چېگرادا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق سارىيى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتقا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت جەئېنبېكوۋ بىلەن تاجىكستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن تاجىكستاننىڭ ئىسفارا شەھىرىدە كۆرۈشكەن.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جەئېنبېكوۋ كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا: «چېگرا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى تەكلىپ قىلىمىز. ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق چېگرالىرىمىزنى تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق دەرۋازىسىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆھبەت ئۈچۈن ئىمامئەلى راخمانغا تەشەككۈر ئېيتىپ، چېگرا مەسىلىسىگە چارە تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى باشلىغان سىياسىي دىيالوگدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۈچ كۈن بۇرۇن ئورتاق چېگرا لىنيەسىدە يۈز بەرگەن ۋە ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن يىرىكچىلىككە ئوخشايدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىم يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئورتاقلاشقان ھالدا كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىككى رەھبەرنىڭ چېگرا تېمىلىق يىغىنىنىڭ 27-ئىيۇل قىرغىزىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ساياھەت مەركىزى چولپان ئاتا شەھىرىدە داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پايتەخت بىشكەككە 750 كىلومېتىر كېلىدىغان رايوندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پات-پات دېھقانچىلىق يەرلىرىنى سۇغىرىش، يەر تالىشىش، چارۋا ماللارنى ئوتلىتىش، ئورتاق يولدىن پايدىلىنىش ۋە چېگرادىن رۇخسەتسىز ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىرىكچىلىكلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. قىرغىزىستان بىلەن تاجىكستان ئوتتۇرىسىدىكى 970 كىلومېتىرلىق چېگرانىڭ 503 كىلومېتىرلىق قىسمىنىڭ تەۋەلىكى ئېنىق بولۇپ، 2012-يىلىدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان چېگرا بەلگىلەش خىزمەتلىرىدە 47 كىلومېتىرلىق قىسىمنىڭلا تەۋەلىكى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر