ئەزەربەيجان 1 – سىنتەبىردىن باشلاپ تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلمايدۇ

ئەزەربەيجان تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا رەسمىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بەلگىلىمىسىنى 1 – سىنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويىدىغان بولدى.

1242340
ئەزەربەيجان 1 – سىنتەبىردىن باشلاپ تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلمايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا رەسمىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بەلگىلىمىسىنى 1سىنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىن تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «جانابى پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزگە ئالدىنقى ھەپتە يەتكۈزگەن خەۋىرىدە، ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا رەسمىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بەلگىلىمىسىنى 1سىنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> قارىشىمىزغا يارىشىملىق بىر ئىش بولدى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر