ئۆزەرساي: تۈركلەر بىلەن رىملار شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى بايلىقلارنىڭ ئورتاق ئىگىسى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىر ياردەمچىسى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساي، قىبرىس تۈركلىرى بىلەن رىملارنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئورتاق ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولۇۋاتقان قۇدرەت ئۆزەرساي، شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا توختىلىپ، شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى بايلىق زاپاسلىرىغا دائىر بەزى ھەقىقەتلەرنىڭ ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ بايلىقلارنىڭ ھەر ئىككى خەلقكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «قىبرىس تۈركلىرى بىلەن رىملار بۇ بايلىقلارنىڭ ئورتاق ئىگىسىدۇر. بۇ ناھايىتى مۇھىم ئامىلنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.
ئۆزەرساي، رىم تەرەپنىڭ بايلىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنىمۇ خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىجازەت ئالغان شىركەتلەرگە يول قويۇپ، بايلىق زاپاسلىرى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى تەۋسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.