«تۈركىيەدىن بىر ھەيئەت ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولىدۇ»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1230191
«تۈركىيەدىن بىر ھەيئەت ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، ھەمدە ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇزۇر – ھالاۋەت ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە، تىنچ – ئامان ياشىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ھەقتىكى كۆز - قاراش ۋە پىكىر – تەلەپلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىغا يەتكۈزدى. خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزىتىشى ئۈچۈن تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولۇش تەكلىپىنى سۇندى، جۇمھۇر رەئىسىمىزمۇ بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى  سودا، سېلىنما، تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلىم – پەن، تېخنولوگىيە، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىگىچە كېڭەيتىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئالتۇن، ئىككى رەھبەرنىڭ تارىخىي يېپەك يولىنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي ئېغىزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر