ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان فىرونتىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى شېھىت بولدى.

1215356
ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئەلشەن خالىلوۋ ئىسىملىك بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مىنىستىرلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ شېھىت ئەسكەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بولسا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكى، ھۇجۇمنىڭ ئەرمېنىيەدىكى ئۇرۇش تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن غەرەزلىك ھالدا سادىر قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھۇجۇم ئارقىلىق سۆھبەت مۇساپىسىگە زىيان يەتكۈزۈپ، رايوندىكى سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بارلىق جاۋابكارلىقنىڭ ئەرمېنىيە دائىرىلىرىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر