قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

قازاقىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توكايېۋ غەلىبە قىلدى.

1215534
قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى، توكايېۋنىڭ ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %70.76 سىگە ئېرىشىپ، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«ئىجتىمائىي پىكىر» ئىنستىتۇتى باشلىقى ئاينۇر ماژېتوۋا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت مىقياسىدىكى 325 سايلام مەركىزىدە 13 مىڭ 200 بېلەت تاشلىغۇچى ئارىسىدا ئەلرايىنى سىناش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، كوممۇنىستلار خەلق پارتىيەسى نامزاتى ژامبېل ئاھمەتبېكوۋنىڭ %3.86؛ قازاقىستان دېموكراتىيە پارتىيەسى «ئاق يول» نامزاتى دانىيا يېسپايېۋانىڭ %5.82؛ «خەلقنىڭ تەقدىرى» نامزاتى ئامىرجان كوسانوۋنىڭ %15.39؛ خەلق دېموكراتىك ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيەسى نامزاتى تولېئۇتاي راھىمبېكوۋنىڭ بولسا، %3.3 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ماژېتوۋا يەنە، قازاقىستان ئۇيۇشمىلار جەمئىيىتىنىڭ نامزاتى ئامانگەلدى تاسپىخوۋنىڭ %1.41؛ «بۈيۈك بوزقىر بۈركۈتلىرى» ئىجتىمائىي بىرلىكى نامزاتى سادىبېك تۇگەلنىڭ بولسا، %0.86 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر