خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر تۈركۈم جامەلەرنى يىقىپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۈزلەرچە يىللىق جامە ۋە قەبرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 33 دىنىي ئورۇننى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يىقىپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1196846
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر تۈركۈم جامەلەرنى يىقىپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ «گۇاردىئان» ۋە ئوچۇق مەنبە تەتقىقات تورى «بېللىڭكات»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ جامەلىرىنىڭ يىقىۋېتىلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى، رايون ئاھالىلىرى ۋە خەرىتىلەندۈرۈش ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ، نۇقتا قىلىپ بېكىتىلگەن 100 جامە ۋە قەبرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، گۈمبەز ۋە مۇنارغا ئوخشاش گەۋدىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە 91 قۇرۇلۇشتىن 31 جامە بىلەن ئىككى چوڭ قەبرىنىڭ 2016 – 2018 – يىللىرىدا ئېغىر شەكىلدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئېنىقلانغان.

بۇنىڭدىن سىرت، گۈمبەز ياكى مۇنار دېگەندەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولمىغان، بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاھالىلىرى جامە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن 9 قۇرۇلۇشنىڭمۇ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى بايقالغان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېغىر نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر