قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدا پۇقرالار سۈركىلىشى يۈز بەردى

تاجىكىستاننىڭ قىرغىزىستان چېگرالىرى ئىچىگە جايلاشقان ۋورۇخ يېزىسىدا تاجىك ۋە قىرغىز پۇقرالىرى ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، بىر تاجىكىستان پۇقراسى جېنىدىن ئايرىلدى.

1163689
قىرغىزىستان - تاجىكىستان چېگراسىدا پۇقرالار سۈركىلىشى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانلىقى بايانات بېرىپ، قىرغىزىستان چېگرالىرى ئىچىدە قالغان تاجىكىستانغا تەۋە ۋورۇختا ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۈركىلىشنىڭ، ۋورۇخ يېزىسىغا يېقىن دەتالاشلىق جايدا قىرغىزىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا يول ئېلىشىغا تاجىكىستان پۇقرالىرىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىدىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تاش، كالتەك ۋە ئوۋ مىلتىقلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋەقەدە، بىر تاجىكىستانلىقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 10 ئەتراپىدا تاجىكىستانلىقنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سۈركىلىشتىن كېيىن قىرغىز ئەمەلدارلار، تاجىكىستاندىن ۋورۇخقا بارىدىغان يولنى تاقىۋەتتى.

مەزكور يولدىن كېتىۋاتقان ئىككى مىنىبۇستىكى 30 نەپەر تاجىكىستان پۇقراسى قىرغىزىستان تەرىپىدىن بىر مۇددەت تۇتۇپ قېلىندى.

چېگرادىكى ۋەزىيەت ھەر ئىككى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، رەسمىي دائىرىلەرنىڭ مەسىلىگە ئالاقىدار سۆھبەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر