قازاقىستاندا يېڭى باش مىنىستىر ۋەزىپىگە تەيىنلەندى
قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئەسقەر مانىننى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق سارىيى يېڭى باش مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ پارلامېنت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەسقەر مامىننىڭ باش مىنىستىرلىق نامزاتلىقىنى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغان. نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ پارلامېنت ئەسقەر مامىننىڭ نامزاتلىقىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، 53 ياشلىق ئەسقەر مامىننىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش قارانامىسىنى ئىمزالىغان.
پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئۆتكەن ھەپتە ئىقتىسادتا ئىجابىي تەرەققىياتلارنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. نەتىجىدە، باقىتجان ساگېنتايېۋ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ئىستېپا بەرگەن ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەسقەر مامىن ۋاقىتىنچە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.