قىبرىستا رەھبەرلەر بىر يەرگە جەم بولىدۇ

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى  رەھبىرى نىكسوس ئاناستاسىئادىس 26 – ئاپرېل كۈنى بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

1141853
قىبرىستا رەھبەرلەر بىر يەرگە جەم بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىبرىس رەھبەرلىرىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە قىبرىستىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ قوماندانى ئېلىزابېت سپېھارنىڭ بىتەرەپ رايوندىكى بىناسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشى، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10 يېرىمدا باشلىنىدىكەن.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى ئېسپېن باس ئايدنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە، 2015 – يىلى ماي ئېيىدا قايتىدىن باشلانغان مۇزاكىرىلەر دائىرىسىدە، 2017 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا شىۋېيتسارىيەنىڭ كرانس – مونتانا شەھىرىدە چاقىرىلغان قىبرىس كونفېرانسىدا ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىغانىدى.

مۇزاكىرىلەر، «ئىقتىساد»، «ياۋروپا ئىتتىپاقى»، «مۈلكىيەت»،  «زېمىن»، «ھاكىمىيەت ۋە كۈچتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»،  «بىخەتەرلىك ۋە كاپالەتلەر» قاتارلىق 6 تېمىدىن تەشكىل تاپاتتى.

قىبرىستا رەھبەرلەر 2018 – يىلى 26 – ئۆكتەبىر كۈنى سپېھارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا بىتەرەپ رايوندا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر