ئۆزبېكىستان يەنە 45 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئۆزبېكىستان ساياھەتچىلىكنى تەرەققىىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 45 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان 45 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا بەلگىلمىسىنى بىكار قىلىش بىلەن بىرگە، 76 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇردى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ بەلگىلىمە بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامەنى ئىمزالىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بولۇپ جەمئىي 45 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئۆزبېكىستاندا ۋىزىسىز 30 كۈن ساياھەت قىلالايدىكەن، بۇنىڭدىن سىرت 76 دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئۆزبېكىستان ۋىزىسىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق 2 كۈن ئىچىدە ئالالايدىكەن.
يېڭى بەلگىلىمە رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلغان دۆلەتنىڭ سانى 64كە، ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان دۆلەتنىڭ سانى 130غا يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.