ئىران پىرېزىدېنتى: دۆلەتتىكى تۈركمەنلەر ھاكىمىيەتتىن تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئېلىشى كېرەك

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى دۆلەتتىكى تۈركمەنلەرنىڭ ھاكىمىيەتتىن تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئېلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1126986
ئىران پىرېزىدېنتى: دۆلەتتىكى تۈركمەنلەر ھاكىمىيەتتىن تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئېلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇھانى گۈلىستان ئۆلكىسى زىيارىتى  جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، ئىراندىكى تۈركمەنلەرنىڭ ھاكىمىيەتتىن تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئېلىشى لازىملىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە، بولۇپمۇ ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋە مەزھەپتىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن  ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، سۈننىيلەر بىلەن تۈركمەنلەر ھاكىمىيەتتىن تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئېلىشى لازىم، چۈنكى ئۇلار بۇ ھەقتە لاياقەتلىكتۇر. جۈملىدىن مەلۇماتلىق ۋە ئىستىداتلىق كىشىلەردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك، بۇ ئۇلارنىڭمۇ ھوقۇقى بولۇپ، توغرىسىمۇ شۇدۇر. ھۆكۈمىتىمىز جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونلاردا تۈرلۈك ھەق – ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالغان رايونلارغا قارىتا خىزمەت ئىشلىمەكتە، دەرۋەقە، بۇ رايونلاردىن بىرى تۈركمەنلەر ياشاۋاتقان رايونلاردۇر. بۇ نۇقتىدا ھۆكۈمىتىمىز ھەر جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاۋاتىدۇ، نۆۋەتتە ئىراندا تۈركمەن، سۈننىي ۋە ئاياللاردىن باش ئەلچى، ھاكىم، مۇئاۋىن ۋالىي  ۋە باش مۇدىر سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار بار. دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئاياللارغا % 30 ئورۇن بېرىلىشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر