نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ سىلوۋاكىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ قازاقىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان سىلوۋاكىيە باش مىنىستىرى پېتېر پېللېگرىنىنى قوبول قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇچرىشىشتا قازاقىستان بىلەن سىلوۋاكىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يېڭى ئەھۋاللارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
نەزەربايېۋ پېللېگرىنىنىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا شۇنداقلا ئىقتىسادىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پېللېگرىنى دۇنيادا خەلقئارالىق دىيالوگنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا، قازاقىستاننىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ۋە بۇنى مەدھىيە بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زاماۋى يېپەك يولى دەپ قوبۇل قىلىنغان «بىر يول، بىر بەلباغ» لايىھەسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، قاتناش ۋە تىرانسپورت ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.