يىلدىرىم: ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركمەنىستانمۇ تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەشمىسىگە ئەزا بولۇشى كېرەك
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭمۇ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەشمىسىگە ئەزا بولۇشى ئۈچۈن غەيرەت كۆرتىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئانتاليادا چاقىرىلغان «ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، مۇھىت ئاسراش ۋە سىجىل تەرەققىيات» تېمىلىق ياۋروئاسىيا ئەللىرى پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەشمىسى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرىنى تۈركىيەدە كۈتۈۋېلىشتىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەشمىسىگە ئەزا ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەشمىسىنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى نامىدىن مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن. بۇ بىر ئائىلە مەجلىسى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان بۇ مىراسنى بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا ساق – سالامەت يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزبېكىستاننىڭ تولۇق ياكى كۆزەتكۈچى ئەزا بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، شۇنداقلا بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق نىشانىدۇر. تۈركمەنىستاننىمۇ كېڭەشمىگە ئەزا قىلىش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىشىمىز لازىم دەپ قارايمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.