ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ھىندىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ ھىندىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

1060915
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ھىندىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مىرزىيويېۋنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئۆزبېكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشان قىلىنغان 20 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ ھىندىستاندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان، ھەمدە كۈندىلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، مودى بىلەن مىرزىيويېۋ ئورتاق باياننامىنى ئىمزالىغان،  جۈملىدىن، تەرەپلەر ئارا سودا – ئىقتىساد، ھەربىي تەلىم – تەربىيە، يېزا ئىگىلىك، ساياھەت، ئەدلىيە، سەھىيە، تىنچلىق مەقسىتىدىكى ئالەم قاتنىشى تەتقىقاتلىرى، پەن – تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشان قىلىنغان 20 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالانغان.

مىرزىيويېۋ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، نۆۋەتتە  300 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 2020 – يىلىغا بارغاندا 1 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى، ئۆزبېكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئېتىبار بېرىش سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا قارىتا «سۆھبەت باسقۇچى» نى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن.

مىرزىيويېۋ يەنە، ھىندىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە ھىندىستان پىرېزىدېنتى رام ناس كوۋىندى ۋە ھىندىستانلىق سودا - سانائەتچىلەر بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر