تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
تاجىكسىتان بىلەن ئۆزبېكىستان چېگرا مۇھاپىزەت قىسىملىرى ئافغانىستاندىن سوقۇنۇپ كىرىۋالغان قوراللىق باندىتلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان چېگرا مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى ئافغانىستاندىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق چېگرادىن سوقۇنۇپ كىرگەن قوراللىق باندىتلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
تاجىكىستان چېگرا مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى قوماندانلىق مەركىزى باياناتچىسى مۇھەممەد ئۇلۇغايايېۋ بايانات بېرىپ تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ئافغانىستان چېگرالىرى تۇتاشقان شارتۇز ناھىيەسىدە تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان چېگرا مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ چېگرادىن سوقۇنۇپ كىرگەن قوراللىق باندىتلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن «جەيھۇن-2018»نامى ئاستىدا ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان چېگرا مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە 12 ساقچىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان تاھار ئۆلكىسىنىڭ تاجىكىستان چېگراسىدىكى ئاي خانىم تاموژنا ئېغىزغا تالىباننىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى دىققەت تارتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.