تاجىكىستان بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ كۈچىيىدىغان بولدى

تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمام ئەلى رەھمان ئەزەربەيجاندىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1030267
تاجىكىستان بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ كۈچىيىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمام ئەلى رەھماننى رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا ئەزەربەيجان ۋە تاجىكىستاننىڭ دۆلەت مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئىمام ئەلى رەھمان ئۆزئارا ۋە ھەيئەتلار ئارا مۇزاكىرىلەردە بولدى. 

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئىمام ئەلى رەھمان ئەزەربەيجان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئاندىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سېلىنمىلار، تېلېۋىزىيە تارقىتىشلىرى، چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ تەربىيەلىنىشى، مال دوختۇرلۇق، ئوقۇغچىلارنى ئالماشتۇرۇش، ئىقتىساد، سانائەت ۋە يېڭى تېخنىكا ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىنكى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىلھام ئەلىيېۋ سۆز قىلىپ، بۈگۈن ئىمزالانغان كېلىشىملەر بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان ساھالەردىكى ھەمكارلىقلارنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كۈلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  تاجىكىستان پىرېزىدېنتىنىڭ ئەزەربەيجاندىن ئۆتىدىغان يوللار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «باكۇ تىفلىس قارس تۆمۈر يول لىنىيەسى ۋە ئالات پورتى تىرانسپورت ئۈچۈن يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە. تاجىكىستاندىن كېلىدىغان يۈكلەرنىڭمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە بۇ جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولدى» دېدى.

تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمام ئەلى رەھمان ئەزەربەيجاننىڭ تاشقى سىياسەت ئىستىراتېگىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۈرۈلىشى ئۈچۈن مەۋجۇت ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى ۋە ھەر خىل ئىقتىسادى ساھالەردە ھەمكارلىقنىڭ كېڭىيىشى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتۇق. بىز ئىمزالىغان كېلىشىملەر سانائەت، ئېنېرگىيە، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى ۋە باشقا ساھالەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشىدۇ» دېدى. 

تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئىمام ئەلى رەھمان مەسىلىنىڭ خەلقئارا قانۇن تۈزۈملىرى دائىرىسىدە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى قوللاپ - قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر