قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزمەكتە

قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى.

1013462
قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسۇزاكوۋ رە ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇسسالوم ئازىزوۋنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئۈرۈك شېخى ھەربىي مانىۋېرى» دائىرىسىدە، قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئەسكەرلىرىنىڭ كېچىدە رازۋېتكا ۋە ئۇرۇش قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئورتاق ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسۇزاكوۋ مانىۋېردىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، ئورتاق مانىۋېرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ غەلىبىلىك تاماملانغانلىقىنى، ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ بولسا، ئۆزبېكىستاننىڭ فورىس تەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جاسۇزاكوۋ: «ئۆزبېكىستان ھەيئىتى بىلەن ھەربىي مەشىق ۋە ھەربىي ئوفېتسىرلارنى تەربىيەلەش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق» دېدى.

ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇسسالوم ئازىزوۋمۇ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مانىۋېر ئالاھىدە قىسىملىرىمىزنىڭ كېچىدە زامانىۋى تېخنىكا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىشتىكى ماسلىشىشچانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر