ئەل ئىبادى: «كەركۈكتە ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشى جىنايەت»

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادى ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 12 – مايدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي سايلامغا دائىر «ھېلە ئىشلىتىلدى، گۇمانلىق» دېگەن قاراشلار ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈستىدە توختالدى.

1009981
ئەل ئىبادى: «كەركۈكتە ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشى جىنايەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادى كەركۈكتە ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشىنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى قىلغانلارنىڭ چوقۇم جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەل ئىبادى ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 12مايدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي سايلامغا دائىر «ھېلە ئىشلىتىلدى، گۇمانلىق» دېگەن قاراشلار ئۈستىدە توختالدى. 

كەركۈكتە ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىبادى «كەركۈكتە قول بىلەن سانالغان ئاۋاز بىلىتى نەتىجىلىرى مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئاۋاز بېلىتى ئوغرىلىغانلارنى قەتئىي ئەپۇ قىلمايمىز. ئۇلارنى ئېنىقلاپ چوقۇم جازاغا تارتىمىز. سايلىغۇچىلارنىڭ ئاۋاز بېلىتىنى ئوغرىلاش جىنايەتتۇر» دېدى.

ئىبادى ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى چەت ئەللىك ھەربىي مەسلىھەتچىلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«چەت ئەللىك ھەربىي مەسلىھەتچىلەرنىڭ سانى مۇسۇل ھەرىكىتى جەريانىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. ئىراقتا دائېشنى تازىلىغاندىن كېيىن ھەربىي مەسلىھەتچىلەرنىڭ سانىنى ئازايتىشقا باشلىدۇق. قالغانلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىۋاتىمىز. دائېشنى سۈرىيەدە يېڭىش تىرىشچانلىقىمىز ۋە نىشانىمىز مۇھىم. رايوندىكى تېررورىزمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە تايىنىشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر