كەركۈكتە سايلام ساندۇقى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە سايلام سادۇقلىرى ساقلىنىۋاتقان ئىسكىلات ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 1 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 19 كىشى يارىدار بولدى.

1003324
كەركۈكتە سايلام ساندۇقى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى ئىدارىسى ئاخبارات ئىشلىرى ئىشخانىسى مەسئۇلى ئافراسىياۋ كامىل شەھەرنىڭ باغداد يولى رايونىدا، 12مايدىكى ئومۇمىي سايلاملاردا تاشلانغان بېلەتلەر ساقلىنىۋاتقان ساندۇقلارنىڭ بىر ئىسكىلاتتا قوغدىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىسكىلاتنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافراسىياۋ كامىل ھۇجۇمنى بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى، بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنىڭ ئىسكىلات دەرۋازىسى ئالدىدا پارتلىشى نەتىجىسىدە، 1 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 4 پۇقرا ۋە 15 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 19 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 

توختىتىپ قويۇلغان 10 ئاپتوموبىلنىڭمۇ كۆيۈپ ۋەيران بولغانلىقنى تىلغا ئالغان كامىل، «ھۇجۇمنىڭ نىشانى ئىسكىلاتتىكى سايلام ساندۇقلىرى ئىدى، بىراق ساندۇقلار ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىدى» دېدى.

ئافراسىياۋ كامىل كەركۈكنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ كېچىدە 2 يەردە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۇزاقتىن باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بومبا ھۇجۇمىدا، ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىراقتا 12مايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملار، بولۇپمۇ كەركۈك ۋە باشقا شىمالىي رايوندا ھىيلە ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈشى تۈپەيلىدىن گۇمانلىق ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

ئىراق پارلامېنتى سايلامنىڭ گۇمانلىق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى خەۋىرىگە ئاساسەن تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ قايتىدىن سانىلىشى ھەققىدە قارار ماقۇللىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر