ئۆزبېكستان ئىقامەت بېجىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئۆزبېكستان ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قارارنامە ماقۇللاپ، چەت ئەللىكلەردىن ۋاقىتلىق ئىقامەت بېجىرىش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

983711
ئۆزبېكستان ئىقامەت بېجىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى مەزگىللەردە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى باسقان ئۆزبېكستان، چەت ئەللىكلەردىن ۋاقىتلىق ئىقامەت بېجىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

مارت ئېيىدا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردىن ۋىزا رەسمىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ياكى ئاسانلاشتۇرغان ئۆزبېكستان، ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.

ئۆزبېكستاندا ياشاۋاتقان چەت ئەللىكلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ۋاقىتلىق ئىقامەت بېجىرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامە بىلەن، بۈگۈنگىچە چەت ئەللىكلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغان "ۋاقىتلىق ئىقامەت" مەجبۇرىيىتى، ئۆي ئىگىسى، تەكلىپ قىلغان تەرەپ ياكى ساياھەت شىركىتىگە يۈكلەندى.

بۇندىن كېيىن ئۆزبېكستاندا،  ئۆزى تۇرۇۋاتقان رايونلاردا ئۈچ كۈندىن ئاز تۇرىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئىقامەت بېجىرىشىگە كېرەك يوق. ئۆز ئالدىغا ساياھەت قىلغان، ماشىنا ياكى چېدىرلاردا قونغان چەت ئەللىكلەر ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنۇپ، تۇرۇۋاتقان جايى توغرىسىدا ئۆزبېكستان ئورگانلىرىغا ئۇچۇر بېرىدۇ.

چەت ئەللىكلەرنىڭ بىر ئاي بويىچە ۋاقىتلىق ئىقامەت بېجىرىش ئۈچۈن دۆلەتكە 20 دوللار تۆلەش بەلگىلىمىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر