تاشكەنت – ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتى تاشكەنت - ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانىنى ھەپتىدە 7 دىن 9 غا چىقىرىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، نۆۋەتتە تاشكەنت – ئىستانبۇل – تاشكەنت ئوتتۇرىسىدا ھەر ھەپتە 7 قېتىم ئايروپىلان سەپەرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، 9 – مايدىن باشلاپ 9 غا چىقىرىلىدىكەن، ھەمدە شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن چارشەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى تاشكەنتتىن ئىستانبۇلغا كۈنىگە ئىككى قېتىم ئايروپىلان سەپەرلىرى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇ يىل كۈزدىن ئېتىبارەن دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى سەمەرقەند – ئىستانبۇل – سەمەرقەند ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.