ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان باش مىنىستىرلىرى تېلېفوندا كۆرۈشتى
ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان باش مىنىستىرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقە توغرۇلۇق تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان مىنىستىرلار كېڭىشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ئارىپوۋ، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى سەپەر ئىسھاقوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.
تېلېفون سۆھبىتىدە، 7 – ئاپرېل كۈنى ئۆزبېكىستان – قىرغىزىستان چېگرا رايونىدا بىر قىرغىزىستان پۇقراسىنىڭ ئۆزبېكىستان چېگرا مۇداپىئە خادىمى تەرىپىدىن ئوق چىقىرىلىشىدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋەقەسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ئارىپوۋ بىلەن ئىسھاقوۋ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسى قىسىملىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللارنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرۇلۇق بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.
تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئورۇن ئالىدىغان ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوكلات تەييارلىشى توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.