ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا

تاجىكىستان ئارىدىن 9 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزبېكىستانغا ئېلېكتىر ئېكىسپورت قىلىدىغان بولدى.

943291
ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئۆتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرالارنىڭ ئېچىلىشى، 30 كۈنلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىشى قاتارلىق ئىلگىرىلەشلەردىن كېيىن، ئەمدىلىكتە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىلىرىمۇ قايتىدىن بىرلەشتۈرۈلدى. 

تاجىكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رەگار ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ گۇلچا ئېلېكتىر يۆتكەش لىنىيەلىرىنىڭ قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى، تاجىكىستاننىڭ ئۆزبېكىستانغا ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلىشنى باشىلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆزبېكىستانغا مۇشۇ يىل ئىچىدە 1 مىليارد 500 مىليون كىلوۋاتسائەت ئېلېكتىر سېتىلشى پىلانلانغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئۆزبېكىستاننىڭ 1 كىلوۋاتسائەت ئۈچۈن يازدا 2 سېنت، قىش پەسلىدە بولسا، 2.5 سېنت ئۆتەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان 2009يىلىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىرلەشمە ئېلېكتىر سىستېمىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتىر ئۇلىنىشى كېسىلگەن ئىدى.

ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا سۇ ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى جەھەتتىكى تالاش تارتىشلار ھەمدە چېگرا نۇقتىلىرى سەۋەبىدىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋملىشىۋاتقان يىرىكچىلىكلەر، شەۋكەت مىرزايويېۋنىڭ 2016يىلى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىشى بىلەن تۆۋەنلەشكە باشلىغان ئىدى.  

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئايروپىلان قاتناشلىرى باشلىغان بولۇپ، ئاندىن يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تاقىۋىتىلگەن 10 چېگرا ئېغىزىمۇ قايتىدىن ئېچىلغان ئىدى.

تېخى يېقىندىلا ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن 30 كۈنلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىسىمۇ يولغا قويۇلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر