گېرمانىيەدە تۈرك رېستورانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە بىر تۈرك رېستورانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
928820
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بېرلىندىكى تۈركلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نېئۇلكۆلىن رايونىدىكى تۈرك رېستورانى يېرىم كېچىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا رېستوراننىڭ دەرىزىلىرى چېقىلىپ كەتكەن، خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ساھەلەر ۋەيران بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيەدە جامەلەرگە ۋە ئىش ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى پات - پات يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.