يىلدىرىم: 613 ئەزەربەيجانلىق قېرىندىشىمىز ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن «خوجالى قەتلىئامى» نى لەنەتلەيمىز

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 613 ئەزەربەيجان پۇقراسى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن «خوجالى قەتلىئامى» نى قاتتىق لەنەتلىدى.

918197
يىلدىرىم: 613 ئەزەربەيجانلىق قېرىندىشىمىز ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن «خوجالى قەتلىئامى» نى لەنەتلەيمىز

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم «خوجالى قەتلىئامى» نىڭ 26 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەسىنىڭ تەخمىنەن % 20 تىنىڭ چارەك ئەسىردىن بۇيان ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىتىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنى قاتتىق لەنەتلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1992 – يىلى 26 – فېۋرال كۈنى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئۈستۈن قاراباغ رايونىدىكى خوجالى يېزىسىغا بېسىپ كىرىپ، ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 106 سى ئايال، 63 ى نارىسىدە بالا، 70 ى ياشانغانلار بولۇپ، جەمئىي 613 ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ ۋەھشىيلەرچە قتل قىلىنغانلىقىنى، 275 كىشىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن  يىلدىرىم، رايوننىڭ ھازىرمۇ ئەرمېنىيەنىڭ ئاشغالىيىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتتى.

قەتلىئامنىڭ يۈز بەرگىنىگە 26 يىل بولغان بولۇشىغا قارىماي 150 كىشىنىڭ ھازىرغىچە ئىز – دېرىكى يوقلۇقىنى، جاۋابكارلارنىڭ تېخىچە سوتقا تارتىلمىغانلىقىنى قەيت قىلغان  يىلدىرىم، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەسىنى بېسىۋېلىشى سەۋەبىدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەزەربەيجانلىق قېرىندىشىمىز ھازىرغىچە سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز خوجالىدا دۇچ كەلگەن بۇ ۋەھشىيلىكنى ھەمدە ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەسىنىڭ تەخمىنەن % 20 تىنىڭ ئۇدا چارەك ئەسىردىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا تۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ھەم لەنەت ياغدۇرىمىز. مەزكۇر قەتلىئامنىڭ جاۋابكارلىرىنى سوتقا تارتىش ئادالەت ئورنىتىش جەھەتتىن مۇھىم دەپ قارايمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شۇ قېتىمى قەتلىئامدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يېقىن – يورۇقلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا سەۋر – تاقەت تىلەيمىز ھەم تەزىيە بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر