تۈركمەنىستان گازى پاكىستان بىلەن ھىندىستانغا يەتكۈزۈلىدۇ

تۈركمەنىستان تەبىئىي گازىنى ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستان بىلەن ھىندىستانغا يەتكۈزىدىغان تۈركمەنىستان-ئافغانىستان-پاكىستان-ھىندىستان (TAPI) تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسىنىڭ تۈركمەنىستاندىكى قىسمى ئاخىرلاشتى.

916940
تۈركمەنىستان گازى پاكىستان بىلەن ھىندىستانغا يەتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان-ئافغانىستان-پاكىستان-ھىندىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ تۈركمەنىستاندىكى 214 كىلومېتىرلىق قىسمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جەنۇبتىكى مارى رايونىنىڭ سەرھەتابات ۋىلايىتىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممادوۋ، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھىد خان ئابباسى قاتناشتى. گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، تۇرۇبا يولىنىڭ رايوننىڭ ئىزچىل تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بەردىمۇھەممەدوۋ تۈركمەنىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە ئىشەنچلىك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرى بىلەن بۇ ساھەدە ھەمكارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى تۈركمەنىستان-ئافغانىستان-پاكىستان-ھىندىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسىنى قوللىغان ۋە بۇنىڭغا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ لايىھەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلغان ۋە كۆپ تەر ئاققۇزغان بارلىق كىشىلەرنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەشرەف غېنى ئافغانىستاننىڭ بارلىق قوشنىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن مۇنبەر قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئابباسى لايىھەگە باشچىلىق قىلغان تۈركمەنىستانغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ مەزكۇر لايىھەنىڭ خەلقلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستاننىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى موباشار ئەكبەر تۈركمەنىستان-ئافغانىستان-پاكىستان-ھىندىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ لايىھەنىڭ ھىندىستان ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2017-يىلى تېخنىكىلىق خىزمەتلىرى باشلانغان مەزكۇر لايىھە قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. تۈركمەنىستان-ئافغانىستان-پاكىستان-ھىندىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1814 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 214 كىلومېتىرلىق قىسمى تۈركمەنىستاندىن، 774 كىلومېتىرلىق قىسمى ئافغانىستاندىن، 826 كىلومېتىرلىق قىسمى پاكىستاندىن ئۆتىدۇ. لايىھە 2010-يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، يىللىق توشۇش ئىقتىدارى 33 مىليارد كۇب مېتىر بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر