تۈركمەن تەتقىقاتچى ئەلى ئەلماس سۇيىقەستكە ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تۈركمەن تەتقىقاتچى (ئاكادېمىك) ئەلى ئەلماس، كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، كەركۈك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەلى ئەلماس، شەھەر مەركىزىدە ئاپتوموبىلى بىلەن كېتىۋاتقاندا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
كەركۈك ساقچىلىرى، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.
ئىراق تۈركمەن فىرونتى باشلىقى ئەرشات سالىھى، ۋەقەنى ئەيىبلەپ، ئىراق تۈركمەنلىرىگە قارشى جىنايى قىلمىش ۋە تەھدىتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە دۇنياغا خىتاب قىلىپ، «ئەمدى بولسىمۇ تۈركمەنلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭلار» دېدى.
كەركۈكلۈك بىر قىسىم تۈركمەن ئاكادېمىكلار ۋە تۈركمەن ئىجتىمائىي كۈچلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ئەزالىرىمۇ، ئەلماسنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىنكى فوتو – سۈرىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىپ، تۈركمەنلەرگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.