ئۆزبېكىستان تۈركىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، تۈركىيە قاتارلىق 7 دۆلەت پۇقراسىنىڭ 30 كۈن بويىچە ئۆزبېكىستاندا ۋىزىسىز تۇرسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

903089
ئۆزبېكىستان تۈركىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان «ئۆزبېكىستاندا ساياھەتچىلىك ئىمكانىيەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي شارائىت ھازىرلاش» مەزمۇنىدىكى قارارنامىدە، 10 – فېۋرالدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورېيە، مالايشىيا، سىنگاپۇر، ياپونىيە ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىدىن 30 كۈن بويىچە ۋىزا تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قارارنامىدە، ئۆزبېكىستانغا بارىدىغان ئايروپىلانلاردىكى ئايروپىلان خادىملىرىنىڭمۇ مەزكۇر ۋىزا كەچۈرۈمىدىن پايدىلىنالايدىغانلىقى ۋە 1 – ئىيۇلدىن تارتىپ ئۆزبېكىستاننىڭ «ئېلېكترونلۇق ۋىزا» دەۋرىگە قەدەم قويىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

مەزكۇر قارارنامە بىلەن بىرلىكتە، ئۆزبېكىستاندا ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدىغان دۆلەت سانى 16 گە يەتتى. ئۆزبېكىستان بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيە، گىرۇزىيە، قازاقىستان، مولداۋىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا پۇقرالىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلمايتتى.

ئۆكتەبىر ئېيىدا مىرزىيايېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان يەنە بىر قارارنامە ئارقىلىق تۈركىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، شىۋېيتسارىيە، چېخىيە، لېتۋانىيە، مالايشىيا، ياپونىيە ۋە تايلاند پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى. مەزكۇر قارارنامىدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ئۆزبېكىستان ۋىزىسىنىڭ 3 كۈن ئىچىدە بېرىلىپ بولۇشى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر